ئۈمىد سەپىرى تىراگېدىيە بىلەن ئاخىرلاشتى

شىمالىي ئافرىقىدىن ياۋروپاغا قاراپ يولغا چىققان 37 قاچاق كۆچمەن ئاقدېڭىزدە توڭلاپ ئۆلدى.

215512
 ئۈمىد سەپىرى تىراگېدىيە بىلەن ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيە ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرى لىۋىيەگە يېكىن لامپېدۇسا ئارىلىدا چۆكۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر كېمىنى قۇتقۇزۇۋالدى.
كېمىدىكى 105 قاچاق كۆچمەندىن 27 سى لامپېدۇدا ئارىلى يولىدا توڭلاپ ئۆلدى، توڭلاش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان باشقا كۆچمەنلەر بولسا بالنېسقا ئېلىندى.
ساھىل بىخەتەرلىك ئەترەتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رايوندىكى دولقۇننىڭ ئېگىزلىكى 8 مېتىر بولۇپ، تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر