ئىسلامنىڭ كېڭىيىشى ئەنگلىيەدىكى ئاشقۇن ئوڭچىلارنى قورقۇتتى

ئىسلامنىڭ بارغانچە ئومۇملىشىشى ئاشقۇن ئوڭچىل ئېقىملارنى بىئارام قىلىشقا باشلىدى.

213970
ئىسلامنىڭ كېڭىيىشى ئەنگلىيەدىكى ئاشقۇن ئوڭچىلارنى قورقۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلامنىڭ كېڭىيىشىگە قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئاشقۇن ئوڭچىل ‹ئەنگلىيە مۇداپىئە بىرلىكى› ناملىق بىر ئېقىم دۆلەتنىڭ غەربىدىكى مىدلانس رايونىنىڭ دۇدلېي شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزدى. لېكىن، نامايىشقا ئىشتىراك قىلغۇچىلار سانى كۈتۈلگەندىن ئاز بولدى؛ يەنى 600 گىمۇ يەتمىدى. نامايىشچىلار نەپرەتنى ئىپادىلەيدىغان شوئارلارنى توۋلىدى.

دۇدلېيگە سېلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان جامەگە نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلار ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى، توقۇنۇشتا 30 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

بۇ جەرياندا مەركىزى لوندونغا جايلاشقان ‹فاشىزمغا قارشى بىرلىشىڭلار» ناملىق تەشكىلات مەزكۇر شەھەردە ئەنگلىيە مۇداپىئە بىرلىكىنىڭ نامايىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشتا ئەنگلىيە مۇداپىئە بىرلىكىنىڭ دۇدلېي شەھىرىدە ئىرقچىلىق ۋە چەتكە قېقىشنى كۈچەيتىش يولىدا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقى تەكىتلەندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر