ئىراق گېرمانىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلدى

ئىراق گېرمانىيەدىن ئىستىخبارات جەھەتتە تېخنىكىلىق ئۈسكۈنە تەلەپ قىلدى

ئىراق گېرمانىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى ھايدار ئەل ئابادى، گېرمانىيەدىن ئىستىخبارات جەھەتتە تېخنىكىلىق ئۈسكۈنە تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
گېرمانىيەدە داۋاملىشىۋاتقان 51-نۆۋەتلىك ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىدا سۆز قىلغان ئەل ئابادى باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل بىلەن كۆرۈشۈپ، ھەم قورال-ياراغ ھەمدە ئىستىخبارات ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنى تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى ئىپادە قىلدى.
ئىراقنىڭ گېرمانىيە ئىستىخبارات ئورۇنلىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئىچىدە ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتقان ئەل ئابادى، مېركېلنىڭ بۇ ئىشقا ئۆزى بىۋاستە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.
سۆزىدە دائېش/ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى ھەققىدىمۇ توختالغان ئەل ئابادى، ئۇلارغا قارشى كۈرەشتە چوقۇم غەلىبە قازىنىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. ئەل ئابادى تۈركىيەنىڭمۇ دائېش/ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنى تەھدىت دەپ قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭلاشقا ئىراقنى بۇ جەھەتتە قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر