ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرى داۋاملاشماقتا

خەلقئارا جەمئىيەت مەركىزى ھۆكۈمەت بىلەن رۇسپەرەسلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار يېقىنقى ھەپتىلەردىن بۇيان قايتىدىن ئەۋج ئېلىپ كەتكەن ئۇكرائىنا ئۈچۈن چارە ئىزدىمەكتە.

213766
 ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇئا ئولاند ئۇكرائىنا كرىىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن موسكۋادا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.
مېركېل بىلەن ئولاند، ئىلگىرى ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكوغا سۇنغان تىنچلىق پىلان لايىھەسىنى بۇ قېتىم پۇتىنغىمۇ سۇندى.
ئۇدا 5 سائەت داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتا، سېنتەبىر ئېيىدا ئىمزالانغان مىنىسك كېلىشىمىگە رىئايە قىلىش ئۈچۈن ئىجابىي دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇش قارارى ئېلىندى.
ئۈچ رەھبەر بۇ ھەقتە يەنە بىر قېتىم مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقان ئۇچرىشىشنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى بۈگۈن ئۈچ لىدەر ئوتتۇرىسىدىكى تېلېكونفېرانس ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر