كانادادا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ئەركىن

ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغان كىشىنىڭ ھاياتىي خەۋپكە ئىگە كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ.

213514
كانادادا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ئەركىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:كانادادا ئۆز رازىمەنلىكى بىلەن ئۆلىۋېلىشقا يول قويۇلدى.
كانادا دۆلەت ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ 9 نەپەر ئەزاسىنىڭ بىردەك قوللاپ ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە «euthanasia» يەنى ئۆز رازىمەنلىكى بىلەن ئۆلىۋېلىشقا رەسمىي يول قويۇلدى.
بۇ قارارغا بىنائەن داۋالاش ئىمكانىيىتى يوق بىرەر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ۋە نىرۋېسى جايىدا بولمىغان كىشىلەر جىسمانىي ياكى پىسخىئولوگىيەلىك چىدىغۇسىز ئازاب چېكىۋاتقان بولسا، دوختۇرلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋالسا بولىدۇ.
ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغان كىشىنىڭ ھاياتىي خەۋپكە ئىگە كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ.
بۇ قارارغا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئانچە ياخشى قاراشتا ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. قانۇنغا كۆرە، بۇ قارار مۇئەييەن بىر تۈزۈم دائىرىسىگە ئېلىنغاندىن كېيىن ئاندىن ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىكەن.
دۇنيادا سىۋېتسىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، لىيۇكسېمبورگ ۋە كولومبىيەدىن باشقا يەنە ئامېرىكىنىڭ مونتانا، ئورېگون، ۋېرمونت ۋە ۋاشىنگىتون قاتارلىق ئىشتاتلىرىدىمۇ ئۆز رازىمەنلىكى بىلەن ئۆلىۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.
كانادا دۆلەت ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ قارارى بىلەن بىرلىكتە دۇنيا بويىچە euthanasia» يەنى ئۆز رازىمەنلىكى بىلەن ئۆلىۋېلىشقا رەسمىي يول قويىلىدىغان 7 – دۆلەتكە ئايلاندى.
كانادا دۆلەت ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى 1993 – يىلى بۇ ھەقتىكى قانۇن تەكلىپىنى 4 قوللاش ئاۋازىغا قارشى 5 رەت ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلمىغان ۋە دۆلەتتە ئۆز رازىمەنلىكى بىلەن ئۆلىۋېلىشنى مەنئىي قىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر