51 – نۆۋەتلىك مىيۇنخېن كونفېرانسى باشلاندى

كۆپ ساندا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ باش كاتىپلىرى، 20 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت باشلىقلىرى ئىشتىراك قىلغان كونفېرانسقا ئۇكرائىنا كىرىزىسى مۆھۈرىنى باستى.

213371
51 – نۆۋەتلىك مىيۇنخېن كونفېرانسى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونفېرانسنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى يېنس سىتولتىنبېرگ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشقا دەرھال خاتىمە بېرىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇرزۇلۇ فون دېلايىن بولسا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە قورال - ياراغ جەھەتتىن ياردەم بېرىلىشىگە قارشى ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى. كونفېرانسقا، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلدى. كونفېرانس دائىرىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېرى، پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتا، پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىن يەمەن مەسىلىسىدە كۈچلۈك قەدەملەرنىڭ تاشلىشىنى تەلەپ قىلىشتى. جون كېرى، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋاد زارىف بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى. ئۇچرىشىشتا، كېرى ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك كىرىزىسكە مارت ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە سىياسىي چارە تېپىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر