مىيۇنخېن كونفېرانسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

51 – نۆۋەتلىك مىيۇنخېن بىخەتەرلىك كونفېرانسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

212729
 مىيۇنخېن كونفېرانسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەخمىنەن 20 دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت باشلىقلىرى ئىشتىراك قىلىدىغان كونفېرانستا، خەلقئارا بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك كۈندىلىك مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
كونفېرانسقا، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېرىغا قەدەر كۆپ ساندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىيونلاردىن سىرت يەنە، خەلقئارالىق چوڭ شىركەتلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كونفېرانسنىڭ بۇ يىلقى تېمىسى «دىيالوگ ۋە تىنچلىق» ئىكەن.
كونفېرانستا ئاساسلىقى ئۇكرائىنا، شەرقىي ئاسىيادىكى ئۆزگىرىشلەر، ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى ۋە دۇنيادىكى پاناھلىق تىلىگۈچىلەر مەسىلىسىمۇ كونفېرانسنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرى ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر