مالى تۈركىيەگە پىرېزىدېنت سەۋىيەسىدە تۇنجى زىيارەتنى ئىشقا ئاشۇر

مالى پىرېزىدېنتى ئىبراھىم ئەبۇبەكىر كىتتا تۈنۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن چانكايا سارىيىدا رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.

209259
مالى تۈركىيەگە پىرېزىدېنت سەۋىيەسىدە تۇنجى زىيارەتنى ئىشقا ئاشۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇراسىمدىن تۇنجى قېتىم ئىككى رەھبەرنىڭ رەپىقىلىرىمۇ ئورۇن ئالدى.
ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن بىخەتەرلىك، دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسپىي تەلىم – تەربىيە، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش نىشان قىلىنغان ئورتاق كېلىشىملەر ئىمزالاندى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، تۈركىيەنىڭ مالىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «بىز دىيالوگ باسقۇچى مالىنىڭ سىياسىي بىرلىكى جەھەتتىنمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمىز، بۇ باسقۇچنىڭ كەڭ كۆلەملىك تىنچلىق كېلىشىمى بىلەن نەتىجىلىنىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.
ئەردوغان، تۈركىيە – مالى ئوتتۇرىسىدىكى 40 مىليون دوللارلىق سودا ئومۇمىي سوممىسىنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئېتىبارى بىلەن 50 مىليون دوللارغا، 2023 – يىللىق ئىستىراتېگىيەلىك نىشان دائىرىسىدە 500 مىليون دوللارغا يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.
پاراللېل قۇرۇلمىغا قارشى كۈرەشنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن مالى پىرېزىدېنتىغا رەھمەت ئېيتقان ئەردوغان، خەلقئارالىق تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىقنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مالى پىرېزىدېنتى كىتتامۇ دۆلىتىنىڭ پۈتكۈل مۇسۇلمانلار ۋە قېرىنداش دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى، بۇ دائىرىدە تۈركىيەنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
كىتتا، «تۈركىيە نۆۋەتتە تەرەققىيات يولىدىكى پۈتكۈل ئافرىقا خەلقى ئۈچۈن ئۈمىد مەشئىلىنى ياقماقتا» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان شەرىپىگە بەرگەن كەچلىك تاماق زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلغان كىتتا، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى جەمىل چىچەك بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر