مالى پىرېزىدېنتى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى

مالى پىرېزىدېنتى ئىبراھىم ئەبۇبەكىر كىتتانىڭ ئەنقەرە زىيارىتى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش بىلەن باشلاندى.

208298
مالى پىرېزىدېنتى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان كىتتا، گۈلچەمبىرەك قويغاندىن كېيىن ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ھۆرمەتتە تۇردى.
كىتتا، ئاتاتۈرك خاتىرە دەپتىرىگە مۇنداق دەپ يازدى: «ۋەتەن ئۇلۇغ زاتلارغا مىننەتداردۇر، پارىژدىكى Pantheon نىڭ دەرۋازىسىغا ئويۇلغان بۇ سۆزلەر، خەلقىنى غەپلەت ئۇيقىسىدىن ئويغاتقان بىر دۆلەت ئەربابىغا ئاتاپ ياسالغان بۇ مۇزېينىڭ دەرۋازىسىغا يېزىلغان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى. ئاتاتۈرك ئوسمانلى خەلقىنى باي ۋە بەرىكەتلىك تارىخلارنى يېزىپ قالدۇرغان مىللەتلەر سەۋىيەسىگە يەتكۈزدى. مالى خەلقى بۈگۈن بۇ يەردە مەن بىلەن بىرلىكتە ھۆرمەتتە تۇرماقتا.»
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى جەمىل چىچەك بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈشىدىن كېيىن، ھەيئىتى بىلەن بىرلىكتە شەرىپىگە بېرىلگەن زىياپەتكە ئىشتىراك قىلغان مالى پىرېزىدېنتىنىڭ ئۇچرىشىشلىرى كەچ تەرەپلەردىمۇ داۋاملىشىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر