مالى پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

مالى پىرېزىدېنتى ئىبراھىم ئەبۇبەكىر كىتتا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا.

207971
مالى پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زىيارەت، تۈركىيەنىڭ ئافرىقىدىكى مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان مالى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈشى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
تۈركىيە – مالى مۇناسىۋەتلىرى كەڭ كۆلەملىك مۇزاكىرە قىلىنىدىغان زىيارەتتە، تۈركىيە مالىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلىشى مەقسىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەر توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى كۈتۈلمەكتە.
زىيارەت، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئافرىقىدكى ئەڭ باي دۆلەتلەردىن بىرى دەپ قارىلىۋاتقان مالىدىن تۈركىيەگە پىرېزىدېنت دەرىجىلىك قىلىنغان تۇنجى زىيارەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
مالى پىرېزىدېنتى كىتتانىڭ بۇ زىيارىتى، دۆلىتىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ كۆڭۈڭگۈسى ئاستىدا ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا.
بۇ ئارىلىقتا، مالىدا فىرانسىيە قىسىملىرى بىلەن توقۇنۇشقان 12 ئۆكتىچى ئۆلدى.
مالىدىكى ۋەقەلەر، ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ شىمالدىكى كىدال، تىمبۇكتۇ ۋە گاۋ قاتارلىق رايونلارنىڭ كونىتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشىدىن كېيىن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ فىرانسىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلىشى بىلەن باشلانغانىدى.
400 كىشىلىك فىرانسىيە قىسىملىرى مالىغا مۇداخىلە قىلىپ، شىمالدىكى شەھەرلەرنىڭ كونىتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزگەنىدى.
مالىدىكى توقۇنۇشلارغا دەسلەپكى قەدەمدە مۇداخىلە قىلغان فىرانسىيە، ئەسكەرلىرىنى تەدرىجىي ھالدا بۇ دۆلەتتىن چېكىندۈرۈشكە باشلىغانىدى.
ئىگىلىنىشىچە، فىرانسىيەنىڭ مالى، بۇركىنا فاسو، نىگېرىيە ۋە چاد قاتارلىق دۆلەتلەردە تەخمىنەن 3 مىڭ ئەسكىرى بار ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر