كونگودا بىر كۆڭۈل ئېچىش مەركىزى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
ئۇگاندادىن دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتىگە ئېقىپ كىرگەن قوراللىق كىشىلەر بىر كۆڭۈل ئېچىش مەركىزىگە ھۇجۇم قىلىپ، 14 ئادەمنى ئۆلتۈردى.
206757
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2015- يىللىق خەلقئارا ئافرىقا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلەۋاتقانلارغا قىلىنغان مەزكۇر ھۇجۇمدا 15 ئادەم يارىلاندى.
ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى مەنبەلىرى، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن ئىككىسىنىڭ ئايال، بىرىنىڭ تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى سېپىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھىندىستانلىق ئەسكەر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى ۋە ھۇجۇمچىلارنى تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.