گېرمانىيەدە ئىسلام دۈشمىنى پېگىداغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

گېرمانىيەدە«غەربنىڭ ئىسلاملىشىشىغا قارشى ۋەتەنپەرۋەر ياۋروپالىقلار»ھەرىكىتى پېگىداغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

206027
گېرمانىيەدە ئىسلام دۈشمىنى پېگىداغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «غەربنىڭ ئىسلاملىشىشىغا قارشى ۋەتەنپەرۋەر ياۋروپالىقلار»ھەرىكىتى پېگىدانىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىسى بولغان «گېرمانىيەنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك پارتىيەسى»نىڭ بىرېمېن مەجلىسىگە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە بەزى سىياسىي پارتىيەلەر نامايىش ئۆتكۈزدى.
تەخمىنەن 10مىڭ كىشى قاتناشقان نامايىشتا نامايىشچىلار ئىرقچىلىققا قارشى شوئارلار توۋلاشتى. نامايىشتا ھەمكارلىق، ئىجتىمائىي ئادالەت ئالاھىدە تەكىتلىنىپ «گېرمانىيەنىڭ ئورنىغا ئىنسانىيەتنى سۆيۈڭلار» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلار ئېلىپ مېڭىلدى.
دېموكراتىك ئىشچىلار جەمئىيەتلىرى فېدراتسىەيسىدىن سىنان بالتا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئىرقچىلىققا قارشى ئىتتىپاقلىشىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
بالتا «بەش مىڭ كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىنى پىلانلىغان ئىدۇق، كەلگەنلەر مۆلچەردىكىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى. بۇ قېتىمقى نامايىش بىرېمېندا 12 يىلدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار ئىچىدە ئەڭ كەڭ كۆلەملىك نامايىش بولدى» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر