مىسىردا ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

مىسىرنىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدە ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى مۇداخىلە قىلدى، بۇ جەرياندا 1 ئوقۇغۇچى ئۆلدى، 11 كىشى قولغا ئېلىندى.

203634
مىسىردا ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت قاھىرە، قەليۇبىييە، بۇھەيرا، ئىسكەندەرىيە، بەنى سۇۋەيف ۋە شەرقىييە قاتارلىق شەھەرلەردە بىر يەرگە جەم بولغان ئوقۇغۇچىلار، 2013 – يىلى 3 – ئىيۇل ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ھاكىمىيەت بېىشىغا چىققان ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شەرقىييەنىڭ ئەلئەدۋە يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا بىر ئەسكەرنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ ئارىلىقتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مەنبەلىرى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتقا كۆرە، نامايىشچىلار دۆلەتلىك تاش يولنى تاقىۋالغاندىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئوقۇغۇچىلارغا مۇداخىلە قىلغان، بىراق بۇ جەرياندا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر