ئىسرائىلىيە يېڭى يەھۇدىي ئولتۇراق مەھەللىسى بەرپا قىلىدۇ

ئىسرائىلىيە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 430 يېڭى يەھۇدىي ئولتۇراق مەھەللىسى بەرپا قىلىدۇ.

203394
 ئىسرائىلىيە يېڭى يەھۇدىي ئولتۇراق مەھەللىسى بەرپا قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:1967 – يىلى ئىشغال قىلغان جايلاردا يېڭى ئولتۇراق مەھەللىلىرى بىلەن كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتقان ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئىجرائاتىنىڭ 17 – مارت يەرلىك سايلاملارغىچە داۋاملىشى كۈتۈلمەكتە.
باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ پارتىيەسى بولغان لىكۇد يېڭى يەھۇدىي ئولتۇراق مەھەللىسى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى سايلام ئۈچۈن كوزېر سۈپىتىدە ئىشلىۋاتىدۇ دەپ قارالماقتا.
پەلەستىن بولسا يەھۇدىي ئولتۇراق مەھەللىسى بەرپا قىلىش پىلانىنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان ئۇرۇشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇشقا تېگىشلىك ئۇرۇش جىنايىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر