تېررورلۇقنى ماختىغان 8 ياشلىق بالا سوراق قىلىندى

پارلامېنت باشلىقى كىلادە بارتولون، ئەگەر بىر جىنايەت بولغان تەقدىردىمۇ كىچىك بالا ئەمەس، ئائىلىسى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك ئىدى» دېدى.

203494
تېررورلۇقنى ماختىغان 8 ياشلىق بالا سوراق قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە خەلقى 8 ياشلىق كىچىك بالىنى تېررورلۇقنى ماختاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ سوراق قىلىش ۋەقەسىنى قاتتىق تالاش – تارتىش قىلىشماقتا.
جەنۇبى نىجە شەھىرىدە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان 8 ياشلىق كىچىك بالا ئالدىنقى كۈنى تېررولۇقنى ماختاش بىلەن ئەيىبلىنىپ ساقچىخانىدا سوراققا تارتىلغانلىقى پۈتۈن دۆلەت مقىياسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىدى.
سىنىپىدا «مەن چارلى ئەمەس، تېررورچىلار بىلەن بىر سەپتىمەن» دېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۆسمۈر، ئائىلىسىنىڭمۇ ماۋجۇتلۇقىدا ساقچىلارغا 2 سائەتلىك باياننامە بەرگەن ۋە سوراق جەريانىدا «تېررورلۇق» دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنىمۇ ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرەلمىگەن ئىدى.
ئۆسمۈرنىڭ ئائلىسىدىكىلەر بالىسىنى ساقچىغا چىقىشتۇرغان مەكتەپ مەسئۇللىرى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇشقا تەييارلىق قىلماقتا.
بۇ مەسىلە سىياسەت ساھەسىنىڭمۇ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى.
پارلامېنت باشلىقى كىلادە بارتولون، ئەگەر بىر جىنايەت بولغان تەقدىردىمۇ كىچىك بالا ئەمەس، ئائىلىسى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك ئىدى» دېدى.
ئۆكتىچىلەر قاتارىدىكى خەلق ھەرىكىتى بىرلىكى پارتىيەسىنىڭ بەزى ئەزالىرى بولسا، مەكتەپ مۇدىرىيىتى ۋە ساقچى مەسئۇللىرىنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تىلۋا ئېلىشماقتا.
فىرانسىيەدە 7 – يانۋاردا چارلى ھېبدو ژۇرنىلىغا قىلىنغان ھۇجۇم بىلەن باشلانغان ۋە ئۈچ كۈنگىچە ئارقىمۇ ئارقىدىن يۈز بەرگەن باشقا ھۇجۇم ۋەقەلىرىدە جەمئىي 17 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 3 نەپەر تېررورچى ئۆلۈك ھالدا قولغا چۈشۈرۈلگەن ئىدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر