يوقاپ كەتكەن مالايشىيا ئايروپىلاننىڭ ئاقىۋىتى ئېنىق بولدى

يوقاپ كەتكەن مالايشىيا ئايروپىلاننىڭ ئاقىۋىتى ئايدىڭلاشتى.

201551
يوقاپ كەتكەن مالايشىيا ئايروپىلاننىڭ ئاقىۋىتى ئېنىق بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيادىن خىتايغا بېرىش ئۈچۈن 8-مارتتا قوزغالغاندىن كېيىن، ئىچىدىكى 239 يولۇچى بىلەن يوقاپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ ئاقىۋىتى ئايدىڭلاشتى.
مالايشىيا ئاممىۋى ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئايروپىلاننىڭ «قازا» سەۋەبىدىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ئىدارە مۇدىرى ئازھارۇددىن ئابدۇراھمان ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار بىلەن ئايروپىلان خادىملىرىدىن ئۈمىد قالمىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئابدۇراھمان ئۆلگەنلەرنىڭ يېقىن-يورۇقلىرىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۆلەم پۇلى ئالالىشى ئۈچۈن جىددىي خىزمەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى. 10 دۆلەتتىن كەلگەن تەكشۈرۈش ھەيئىتى MH370سەپەرلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىزدىگەن بولسىمۇ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر