يەمەن قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە

سىياسىي كىرىزىس ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان يەمەننىڭ مۇقىملىقىمۇ ئېغىر خەۋپلەرگە دۇچ كەلمەكتە.

201121
يەمەن قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەيدا ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن زەمبىرەك ھۇجۇمىدا 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھېچقانداق تەرەپ ئۈستىگە ئالمىدى. قىزىل دېڭىز بويىدىكى پورت شەھىرى ھۇدەيدەدە بولسا، ھۇسىلارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

ۋالىيلىق مەھكىمىسى مەيدانىدا توپلانغان نامايىشچىلار ھۇسىيلارنىڭ «دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە مۇداخىلە قىلىشى ۋە نوپۇز يارىتىش تىرىشچانلىقلىرى» غا نارازىلىق بىلدۈردى. نامايىشچىلار ھۇسىيلارنىڭ ئىلگىرىلىشىگە قارشى خەتلەر يېزىلغان پلاكاتلارنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا شوئارلارنى توۋلىدى. نامايىشچىلار يەنە پايتەخت سانئادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە دۆلەت مىقياسىدا پەيدا بولغان «ھاكىمىيەت بوشلۇقى» نى ئەيىبلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر