ي ك پ ئە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى يىرىكچىلىك كۈچىيىپ كەتتى

ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى رۇسىيەنىڭ بېلەت تاشلاش ۋە باشقۇرۇش ئورگانلىرىدىكى ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى قايتىدىن توختىتىپ قويدى.

200894
ي ك پ ئە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى يىرىكچىلىك كۈچىيىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى (ي ك پ ئە) ئۇكرائىنادا خەلقئارا قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيەنىڭ بېلەت تاشلاش ۋە باشقۇرۇش ئورگانلىرىدىكى ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى قايتىدىن توختىتىپ قويدى.

رۇسىيەمۇ ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىدىكى پائالىيەتلىرىنى مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە توختىتىپ قويغانلىقىنى جاكارلىدى.

ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسى قىرىمنىڭ قوشۇۋېلىنىشى سەۋەبىدىن رۇسىيە پارلامېنت ھەيئىتىنىڭ بېلەت تاشلاش سالاھىيىتىنى 2014- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە توڭلىتىپ قويغانىدى. مەجلىستە ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا خەلقئارا قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ بېلەت تاشلاش سالاھىيىتىنى توڭلىتىش قارارىنى 2015- يىلى ئاپرېلغىچە ئۇزارتىشنى قارار قىلدى. قارارنىڭ روھىغا ئاساسەن رۇس پارلامېنت ئەزالىرى ئەزا ئەللەردىكى سايلاملارنى نازارەت قىلىشقا ئەۋەتىلىدىغان كۆزەتكۈچىلەر ھەيئەتلىرىگە قاتنىشالمايدۇ ۋە مەجلىسكە ۋاكالىتەن باشقا ئەللەردە ۋەزىپىگە تەيىنلەنمەيدۇ.

رۇسىيە پارلامېنت ئەزالىرى ھەيئىتى باشلىقىمۇ قارارنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشنىڭ رۇسىيەنى ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىدىن چېكىنىپ چىقىش ئۈستىدە ئويلىنىشقا ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مەجلىستىكى پائالىيەتلىرىنى مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بايقۇت قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر