ئەرمېنىيەگە تەۋە بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان چۈشۈرۈۋېتىلدى

ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەگە تەۋە بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى.

201556
ئەرمېنىيەگە تەۋە بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان چۈشۈرۈۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە فىرونتىدا ئەرمېنىيەگە تەۋە بىر ئايروپلاننى ئېتىپ چۈشۈردى.
ئەزەربەيجان مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە فىرونتىنىڭ ئاغدام رايونىدا، ئەزەربەيجان زېمىنلىرى ئۈستىدە ئۇچقان ئەرمېنىيەگە تەۋە بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ۋەقە ھەققىدە كېيىنچە تېخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر