«خىتاي ھېلىھەم ئەركىن ئەمەس، مۇستەبىتلىك بارغانچە ئېغىرلاشماقتا»

مەركىزى ۋاشىنگىتوندا بولغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى 28-يانۋاردا «دېموكراتىيەدىن ۋاز كېچىپ مۇستەبىتلىككە قايتىش»ناملىق دوكلات ئېلان قىلدى.

201979
«خىتاي ھېلىھەم ئەركىن ئەمەس، مۇستەبىتلىك بارغانچە ئېغىرلاشماقتا»

مەركىزى ۋاشىنگىتوندا بولغان كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى 28-يانۋاردا «دېموكراتىيەدىن ۋاز كېچىپ مۇستەبىتلىككە قايتىش»ناملىق دوكلات ئېلان قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەركىنلىك كەيپىياتىنىڭ بۇلتۇرقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىكنى ئۇقتۇردى.
خىتاي ھېلىھەم «ئەركىن بولمىغان دۆلەت» قاتارىغا كىرىدىكەن، خواڭكوڭنىڭ ئەركىنلىك كەيپىياتى بولسا بارغانچە ناچارلاپ كەتكەن بولۇپ، «قىسمەن ئەركىن رايون» كاتىگورىيەسىگە كىرىدىكەن.
مەزكۇر دوكلاتتا تەيۋەن قاتارلىق 195گە يېقىن رايون ۋە دۆلەت ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئىككى كەشمىر، غەززە ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى قاتارلىق رايونلار «تالاش-تارتىشلىق رايونلۇق» كاتىگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن. دوكلاتتا، شىزاڭنىڭ ئەركىنلىك كەيپىياتى خىتاي بويىچە ئەڭ ناچار رايونلاردىن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا خىتاي «ئەركىن بولمىغان دۆلەت» قاتارىدا بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئەركىنلىك كەيپىياتى «ناچارلاشمىغان»، ئەمما ناچارلاش ئېھتىمالى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى ئىكەن.
خىتايدا سودا بىلەن مەبلەغنىڭ دېموكراتىيەنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ئىككى ئامىلنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمىغان. چۈنكى خىتايدىكى بىر پارتىيەلىك تۈزۈم داۋاملاشقىچە، دېموكراتىيەنىڭ ئالغا بېسىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بۇلتۇردىن باشلاپ دۇنيا مىقياسىدا دېكتاتور دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق ۋاستلىرىنى كۆپەيتىپ بېرىۋاتقانلىقلىرىنى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ تېررور تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ بارغانچە رادىكاللىشپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. 2015-يىلى دۇنيا مىقياسىدا ئەركىنلىك كەيپىياتى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەيدىكەن.
دوكلاتتا 195 دۆلەت ۋە رايون ئىچىدە، 89 دۆلەت «ئەركىن دۆلەت» كاتىگورىيەسىگە، 55 دۆلەت «قىسمەن ئەركىن دۆلەت» كاتىگورىيەسىگە، قالغان دۆلەت ۋە رايون بولسا «ئەركىن بولمىغان دۆلەت» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر