ئامېرىكىدا بىر رۇس جاسوسى قولغا ئېلىندى

ئامېرىكىدا بىر رۇس جاسوسى قولغا ئېلىنىپ سوتلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

198141
ئامېرىكىدا بىر رۇس جاسوسى قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىر رۇس پۇقراسىنى رۇسىيە ئۈچۈن جاسوسلۇق قىلىش ۋە ئاخبارات ئىگەللەش بىلەن ئەيىبلەپ نازارەت ئاستىغا ئالدى.
نىيۇيوركتا بىر رۇس بانكىسىدا خىزمەت قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئېۋگېنىي بۇرايكوۋنىڭ پات ئارىدا سوتلىنىشى كۈتۈلمەكتە. بۇرايكوۋ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رۇسىيە بانكىلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ۋە پەرقلىق ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى ئىزدەشكە مۇناسىۋەتلىك ئاخباراتلارنى يىغىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.
جاسوسلۇق قىلمىشىغا قاتناشقانلار ئارىسىدا چوڭ شىركەتلەردە خىزمەت قىلىدىغان ۋە نىيۇيوركتىكى نوپۇزلۇق بىر ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەرنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن سودا قىلىدىغان 2 رۇسىيەلىكمۇ ئوخشاش قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆتمۈشتە ئامېرىكىدا رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن جاسوسلۇق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئامېرىكا فىدراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە 2010-يىلى ئامېرىكىدا رۇسىيە ئۈچۈن جاسوسلۇق قىلىش بىلەن جىنايىتى ئەيىبلىنىپ تۇتۇلغان 10 رۇس پۇقراسىنىڭ چىگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر