ئىچكى موڭغۇلدا يەرلىرى تارتىۋېلىنغان چارۋىچىلار نامايىش ئۆتكۈزدى

ئىچكى موڭغۇلدا يەرلىرى تارتىۋېلىنغان چارۋىچىلارنىڭ نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

197668
ئىچكى موڭغۇلدا يەرلىرى تارتىۋېلىنغان چارۋىچىلار نامايىش ئۆتكۈزدى

ئىچكى موڭغۇلدا يۈزلەرچە چارۋىچى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ پايتەختى كۆكخوتتا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئارمىيە تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان يەرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىن كەلگەن 300دەك چارۋىچى يايلاقلىرىنىڭ «ئازادلىق» ئارمىيە تەرىپىدىن ھەربىي بازا قىلىۋېتىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. چۈنكى «ئازادلىق» ئارمىيە ھازىرغىچە چارۋىچىلارغا تۆلەم پۇل تۆلىمىگەن.
چارۋىچىلار بۇ يىل 11-يانۋاردا بېيجىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا بېرىپ ئەرز قىلغان، ئالاقىدار ئورۇنلار ئەرزلىرىنى سوراش ئۇياقتا تۇرسۇن، چارۋىچىلارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ قايتۇرۇۋەتكەن. چارۋىچىلار بولدى قىلماي، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىدىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن.
ھۆكۈمەت 2009-يىلى ئىچكى موڭغۇلدىكى 1066 كۇۋدرات مېتىر كېلىدىغان يايلاققا ھەربىي بازا قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت قىلغان، بۇ سەۋەبتىن يايلاقتا ياشايدىغان 823 ئائىلە 180 مىليون خەلق پۇلى تۆلەم ئېلىش شەرتى بىلەن يايلىقتىن كۆچۈپ كەتكەن. بىراق چارۋىچىلار ھازىرغىچە ھۆكۈمەت ۋەدە قىلغان پۇلدىن ھېچقانچىلىك ئالالمىغان. چارۋىچىلار نۇرغۇن قېتىم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەرز قىلغان بولسىمۇ، ھېچقانداق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن، شۇنداقلا ھەر قېتىم قوپال مۇئائىلە ئۇچراپ كەلگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر