ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە بۆلگۈنچىلەر ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى

ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

196635
ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە بۆلگۈنچىلەر ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ئۇرۇش توختىتىشنى قايتىدىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىك تىرىشچانلىق داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، توقۇنۇشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بارماقتا.
ماريۇپولدا مەيدانغا كەلگەن روكېت ھۇجۇمىدا 30 ئادەم ئۆلدى. بۆلگۈنچى رۇس تەرەپدارلىرى ئۇكرائىنانىڭ مايرۇپول پورت شەھىرىدىكى بىر تۇرالغۇ جايغا روكېت بىلەن ھۇجۇم قىلدى. 500 مىڭ ئاھالىسى بولغان شەھەر كېيىنكى كۈنلەردە داۋاملىق بۆلگۈنچى رۇس كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلمەكتە. بۆلگۈنچى رۇس تەرەپدارلىرى ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بىلەن بولغان توقۇنۇشلاردا كۆرىنەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بەزى يەرلەردە ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ دونېتسىك چېگرىسىغىچە چېكىنگەنلىكلىرى بىلدۈرۈلدى. دونېتسك ئايرۇدۇرۇمىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا بۇ ھەپتە ئەڭ ئاز 30 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
3 يىل ئىلگىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن دونېتسك ئايرۇدۇرۇمى بولسا بىر نەچچە ئاي ئىچىدە خارابىلىككە ئايلاندى. بۆلگۈنچى رۇس كۈچلىرىنىڭ رەھبىرى ئالېكساندېر زاكارچېنكو ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇرۇش توختىتىش مۇزاكىرىلىرىگە قاتناشمايدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى. ھەر ئىككى تەرەپ بىر بىرلىرىنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئالاقە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتىگە مەسئۇل ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنى موسكوۋا ھۆكۈمىتىنى مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا چاقىردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا بۇلتۇر ئاپرېل ئېيىدىن بۇيان ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانىنىڭ 5100 ئەتراپىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر