«ئىسلام دۈشمىنى پېگىدا بىلەن ئى ش ئى د غا قاتناشقانلار ئوخشاش»

ئىسلام دۈشمىنى پېگىدا بىلەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قاتناشقانلارنىڭ ئوخشاش پىسخىكىلىق تەرەپلىرىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

196701
«ئىسلام دۈشمىنى پېگىدا بىلەن ئى ش ئى د غا قاتناشقانلار ئوخشاش»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دوكتور ئەرتۇغرۇل شاھىت ئىسلام دۈشمىنى پېگىدا بىلەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قاتناشقانلارنىڭ ئوخشاش پىسخىكىلىق تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە ۋە ئىسلام دۈشمىنى ئىرقچى پېگىدا سېپىغا قاتناشقان ياشلارنىڭ پىسخىكىلىق جەھەتتە ئوخشاش تەرەپلىرى بارلىقىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
گىئوس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەرتۇغرۇل شاھىن ھەر ئىككى تەشكىلاتقا قاتناشقان ياشلارنى پىسخىكلىق جەھەتتىن بىر-بىرىگە ئوخشاتتى. دوكتور شاھىن پېگىداغا ۋە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قاتناشقان ياشلاردا دۈشمەنلىك ۋە چەتكە قېقىلىش پىسخىكىسىنىڭ روشەن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر