ئىراق ۋە سۈرىيەدىن زورۋانلىق خەۋەرلىرى كەلمەكتە

فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى تۇقۇنۇشلار جەريانىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى «ئى شى ئى د»غا قېتىلىپ كەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

196396
 ئىراق ۋە سۈرىيەدىن زورۋانلىق خەۋەرلىرى كەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى «ئى شى ئى د» غا قارشى كۈرەش داۋاملاشماقتا.
بۇ جەرياندا ئىراق ۋە سۈرىيەدىن زورۋانلىق خەۋەرلىرى كېلىشكە باشلىدى.
سۈرىيەدە ئەسەد ئەسكەرلىرىنىڭ قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئاز دېگەندە 64 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئىراقتىكى تۇقۇنۇشلاردىمۇ ئونلىغان كىشى ئۆلدى.
«ئى شى ئى د»نىڭ ئىراقتىكى مۇسۇل شەھىرىدە 57 نەپەر قەبىلە ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا بۈيۈك مۇسۇل جامەسىنىڭ ئىمامى بىلەن ساقچىلار ۋە ئەسكەرلەرنىڭمۇ بارلىقى ئېلان قىلىندى.
پەشمەرگە قىسىملىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تۇقۇنۇشتا بولسا 200 نەپەر «ئى شى ئى د» ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
يەنە بىر تەرەپتە پايتەخت باغداتتا ئېلىپ بېرىلغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 24 كىشى يارىدار بولدى.
سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە بەششار ئەسەد ئەسكەرلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا، ئايال ۋە كېچىك بالىلار بىلەن قوشۇلۇپ، جەمئىي 64 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
«ئى شى ئى د»غا قېتىلىپ كەتكەن فىرانسىيە پۇقرالىرى ئارىسىدا 10 غا يېقىن سابىق ئەسكەرلەرنىڭ ئۆلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.
فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى تۇقۇنۇشلار جەريانىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى «ئى شى ئى د»غا قېتىلىپ كەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
«ئى شى ئى د» گۆرۈگە ئېلىۋالغان ياپونىيەلىك 2 مۇخبىر ئۈچۈن ياپونىيەگە بېرىلگەن مۆھلەت توشتى. «ئى شى ئى د» ياپونىيەدىن گۆرۈگە ئېلىۋالغان مۇخبىرلار ئۈچۈن 200 مىليون دوللار تۆلەم تەلەپ قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى تېخىچە ئېنىق ئەمەس.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر