تايلاند باش مىنىستىرى5 يىلغىچە سىياسەتتىن چەكلەندى

تايلاند پالاتاسى سابىق باش مىنىستىر يىڭلاك شىنىۋاترانى 190 ئاۋاز بىلەن 5 يىلغىچە سىياسەتتىن مەنئىي قىلىش قارارى ئالدى.

195954
تايلاند باش مىنىستىرى5 يىلغىچە سىياسەتتىن چەكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:تايلاند پلاتاسىنىڭ جەمئىي 220 نەپەر ئەزاسى بولۇپ، ئۇلار پىنسىيەگە چىققان ياكى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەردىن تەشكىل تاپىدۇ. 

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كومىتېتى يىڭلاك شىنىۋاترانى گۇرۇچ ئىشلەپچىقىرىشنى قولاش پىروگراممىسىدا چېرىكلىككە كۆز يۈمۈش بىلەن ئەيىپلەپ، پالاتاغا ئەرز سۇنغان ئىدى.
بۇ ئارىلىقتا تايلاند باش تەپتىش مەھكىسى سابىق باش مىنىستىرگە قارشى ھۇقوقىنى ناتوغرا ئىشلىتىش ۋە چىرىكلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ دەۋا ئېچىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇمۇ سابىق باش مىنىستىرنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش خەۋپى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تايلاند 2013 – يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىقنى باشتىن كەچۈرمەكتە.
پارلامېنت تۆۋەن قانىتى سۈرگۈندىكى سابىق باش مىنىستىر تاكسىن شىنىۋاترانىڭ دۆلىتىگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىدىغان قانۇن تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشى بىلەن تەڭ خەلق قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلگەن ئىدى.
باش مىنىستىر شىناۋاترا كەڭ - كۆلەملىك نامايىشلار تۈپەيلىدىن 2013 – يىلى 9 - دېكابىردا پارلامېنتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش قارارى ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. بىراق نامايىش جەريانىدا 28 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئارمىيە ماي ئېيىدا ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇققىنى ئالقىنىغا ئېلىپ، ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر