ھۆسنى مۇبارەكنىڭ ئىككى ئوغلىمۇ قويۇپ بېرىلدى

ھۆسنى مۇبارەكنىڭ 18 مىليون دوللارلىق تۆلەمنى ئۆز ھېساۋىگغا كىرگۈزۈۋېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوت قىلىنغان ئوغۇللىرى ئەلا مۇبارەك ۋە جەمىل مۇبارەك قويۇپ بېرىلدى.

195917
ھۆسنى مۇبارەكنىڭ ئىككى ئوغلىمۇ قويۇپ بېرىلدى


تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆسنى مۇبارەكنىڭ ئائىلىسىگە سوت مەھكىمىسدىن يەنە بىر خوش خەۋەر كەلدى.
مىسىردا ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبەر ھۆسنى مۇبارەكنىڭ پىرىزېدېنتلىق سارىيى دېلوسىدا 18 مىليون دوللارلىق تۆلەمنى ئۆز ھېساۋىگغا كىرگۈزۈۋېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ سوت قىلىنغان ئوغۇللىرى ئەلا مۇبارەك ۋە جەمىل مۇبارەك قويۇپ بېرىلدى.
ئەلا مۇبارەك بىلەن جەمىل مۇبارەك بۇنىڭدىن كېيىن نازارەتكە ئېلىنماستىن سوت قىلنىدىغان بولدى.
3 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن مىسىر سوت مەھكىمىسى ئىسرائىلىيەگە تەبىئىي گاز سېتىپ بېرىش كېلىشىمىدە قانۇنسىز نەپ ئۇندۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ھۆسنى مۇبارەكنى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بەرگەن ئىدى.
ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبەر 2011 – يىلىدىكى نامايىشتا نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما سوت مەھىكىمىسىنىڭ ھوقۇقىنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر