ئامېرىكىدا قوراللىق ۋەقە يۈز بېرىپ 2 ئادەم ئۆلدى

ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى بىر سودا مەركىزىدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

188393
ئامېرىكىدا قوراللىق ۋەقە يۈز بېرىپ 2 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى بىر سودا مەركىزى تۈنۈگۈن قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ 2 ئادەم ئۆلدى، 1 ئادەم يارىلاندى.

ساقچىلارنىڭ ئۇقتۇرۇشىچە، بىر سودا مەركىزىنىڭ يېمەك – ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى قىسمىدا قورال ئاۋازى ئاڭلانغاندىن كېيىن كىرىش ئېغىزلىرى دەرھال تاقىلىپ، ئىچىدىكىلەر سىرتقا چىقىرىلغان.

قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، بىر كىشىنىڭ بالنىستقا ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ساقچىلار سودا مەركىزىدە بىخەتەرلىكنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا قوراللىق ھۇجۇمچىنىڭ بار ياكى يوقلۇقى، ھۇجۇم قىلىش سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر