نىگېرىيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى
ۋەقەدە ئادەم بومبا بىلەن يېنىدىكى 4 كىشى ھاياتىدىن ئايىرىلدى.
185013
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى گومبە ئۆلكىسىدە بىر جامەگە يېقىن جايدا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
نەخ مەيداننى كۆرگەن بىر شاھىت جامەنىڭ كىرىش ئېغىزىدا 30 ياشلىق بىر كىشىنىڭ بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومىبىنى پارتلاتقانلىقىنى ۋە مەزكۇر ئادەم بومبا بىلەن يېنىدىكى 4 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايىرىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
ئۆتكەن يىلى گومبەدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا نۇرغۇن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.