پاكىستاندا تالىباننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان مەكتەپ ئوقۇش باشلىدى

پاكىستاندا تالىباننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىسىدىن ئايرىلىپ قالغان مەكتەپ ئوقۇش باشلىدى

181917
پاكىستاندا تالىباننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان مەكتەپ ئوقۇش باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر ۋىلايىتىدە تالىبان تەرىپىدىن بۇلتۇر دېكابىردا تالىباننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 150 ئوقۇغۇچىسىدىن ئايرىلىپ قالغان مەكتەپ ئوقۇش باشلىدى.
ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا پاكىستان ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ئىشتاب باشلىقى راھىل شەرىف كۈتۈۋالدى.
كەڭ كۆلەملىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان مەكتەپكە مەتبۇئات خادىملىرىنىڭ كىرىشىگە يول قويۇلمىدى. قەتلىئامدا يارىلانغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە قوللىرى تېڭىلغان ھالەتتە كېلىشتى.
ئەسكەرچە ياسىنىۋالغان 7 تالىبان مىلىتانى بۇلتۇر 16-دېكابىردا دۆلەت ئارمىيەسىگە تەۋە بىر ھەربىي مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئوققا تۇتقان ئىدى. 150 ئوقۇغۇچىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، 120سىنى يارىلاندۇرغان تالىبان مىلىتانلىرى، دۆلەت قىسىملىرى تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلانغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر