مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدىغان مۇرداخ كىم؟

رۇبېرت مۇرداخ زادى كىم؟

181243
مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارايدىغان مۇرداخ كىم؟

مۇسۇلمانلارنى ئەيىبلىگەن تالاش-تارتىشلىق تىۋېتى بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلگەن رۇبېرت مۇرداخ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا مەركىزى بولغان « News Corporation » شىركىتىنىڭ ئاۋستىرالىيەلىك مېديا خوجايىنىدۇر.
ئۇنىڭ « News Corporation » شىركىتى دۇنيا بويىچە مېديا ساھەسىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئاۋستىرالىيەدە گېزىتلار، ژۇرناللار ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرى تەسىس قىلغان مۇرداخ، شىركىتىنى ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىغىچە كېڭەيتىپ، دۇنيا بويىچە مېدىيا ساھەسىدە ئەڭ نوپۇزلۇق شەخسلەردىن بىرىگە ئايلانغان.
پارىژدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ جاۋابكار بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن رۇپېرت مۇرداخ ئىزچىل تالاش-تارتىش قىلىنىپ كېلىنىۋاتقان شەخس ھېسابلىنىدۇ.
مۇرداخنىڭ ئىلكىدىكى مېدىيا ئىمپېرىيەسىگە تەۋە بولغان 175 گېزىتنىڭ ھەممىسى ئىراق ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ئۇرۇشنى ياقلايدىغان خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىش بىلەن دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلگەنىدى.
رۇبېرت مۇرداخ 2011-يىلى ئەنگلىيەدە چىقىدىغان the News of the World ئىسىملىك گېزىتى سەۋەب بولغان «ئوغرلىقچە تىڭشاش سەتچىلىكى» سەۋەبىدىن سوراق قىلىندى.
مەزكۇر گېزىتنىڭ ئەنگلىيەدىكى مەشھۇر شەخسلەر ۋە خان جەمەتىدىن بەزى كىشىلەرنى ئوغرلىقچە تىڭشاپ كەلگەنلىكى ئاشكارا بولدى. نۇرغۇن تالاش-تارتىش ۋە تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن بۇ گېزىت تاقىۋېتىلدى.
مۇرداخ يەنە ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىدا پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك قىلمىشلىرى بىلەنمۇ ئەيىبلىنىپ سوراق قىلىندى.
84 ياشلىق مۇرداخنىڭ نىيۇ يوركتا چىقىدىغان بىر گېزىتىمۇ پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردى. مۇرداخنىڭ ئىلكىدىكى Wall Street Journal بىلەن Fox تېلېۋىزىيە قانىلى مۇسۇلمانلارنى نىشان قىلغان خەۋەر ۋە ئانالىزلار بىلەن تونۇلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر