پاكىستاندا بىر پۇتبول مەيدانى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 5 ئادەم ئۆلدى
پاكىستاندا بىر پۇتبول مەيدانى ھۇجۇمغا ئۇچراپ 5 ئادەم ئۆلدى، 8 ئادەم يارىلاندى.
171675
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ قەبىلىلەر رايونى بولغان ئوراكزايدىكى بىر پۇتبول مەيدانىدا بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى.
ھۇجۇمدا 5 ئادەم ئۆلدى، 8 ئادەم يارىلاندى. ئوراكزايدىكى ھۇسەينىيە پۇتبول مەيدانىدا مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا پارتىلتىلغان بومبىنىڭ مۇسابىقىدىن بۇرۇن مەيدانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىدى.