پەلەستىن مەسىلىسى خەلقئارا سىياسىي قالايمىقانچىلىققا ئايلىنىپ كې

پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي كۆزتكۈچىسى رىياد مەنسۇر، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇش نىشان قىلىنغان ھۆججەتلەرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ قانۇنىي ئىشلارغا مەسئۇل ياردەمچىسى ستېپھېن مەتھېسىگە سۇندى.

169869
پەلەستىن مەسىلىسى خەلقئارا سىياسىي قالايمىقانچىلىققا ئايلىنىپ كې

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شۇنىڭ بىلەن، پەلەستىننىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنى شەكىللەندۈرگەن رىم ئەھدىنامىسىگە ئەزا 123 – دۆلەت بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مەنسۇر، بۇنىڭ 60 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. 

پەلەستىننىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەزالىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى رايونلاردا سادىر قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ مەھكىمە تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشىگە زېمىن ھازىرلاپ بېرىدۇ.
مەركىزى گوللاندىيەنىڭ لاھېي شەھىرىگە جايلاشقان مەھكىمە، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئوخشىغان ئۇرۇش ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىدۇ. شۇڭا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ مەھكىمىدىن ئەرزنى رەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ۋاشىنگىتوندىنمۇ ئىنكاس كېچىكمىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن نامەلۇم بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار، ئەرزنى تەكشۈرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ پەلەستىنگە بېرىپ كېلىۋاتقان ياردەمگە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پەلەستىنگە ھەر يىلى 400 مىليون دوللارلىق ياردەم بېرىدىكەن، پەلەستىن ئىسرائىلىيەگە قارشى تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەزا بولغان تەقدىردە، ۋاشىنگىتوننىڭ ئامېرىكا قانۇنىغا كۆرە مەزكۇر ياردەمنى توختىتىش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ 2017 – يىلغىچە ئىشغال قىلىۋالغان رايونلاردىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى نىشان قىلىنغان قارار لايىھەسىنى رەت قىلغانىدى.
60 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن پەلەستىننىڭ ئەزالىقى قوبۇل قىلىنغان تەقدىردە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئىشغال ئاستىدىكى رايونلاردا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان زۇلۇمنى تەكشۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.
باشقىچە ئېيتقاندا، پۈتكۈل دۇنيا 60 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن يا ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى يولىدا تاشلانغان بىر قەدەمگە ياكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە يېڭى بىر قالايمىقانچىلىقنىڭ باشلانغۇچىغا شاھىت بولىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر