ئافغانىستاندا راكېتامىيوت ھۇجۇمى يۈز بەردى

ئافغانىستاندا توي بولۇۋاتقان جايدا راكېتامىيوت ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، نۇرغۇنلىغان كىچىك بالا ۋە ئاياللار ھاياتىدىن ئايرىلدى.

167668
ئافغانىستاندا راكېتامىيوت ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ھېلماند شەھىرىدە توي ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىر جايدا راكېتامىيوت ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 20 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 45 ئادەم يارىلاندى. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئىچىدە ئاياللار بىلەن كىچىك بالىلارنىڭ كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تويدا ۋەقە يۈز بەرگەندە قاتتىق پاتپاراقچىلىق بولغان بولۇپ، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئېلان قىلىنغاندىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ھازىرغىچە ھېچقانداق تەشكىلات ۋەقەگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر