خىتايدا 3 ساقچى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

خىتاي دائىرىلىرى 3 ساقچىنى بىر ئىشچى ئايالنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىش بىلەن ئەيىبلەپ نازارەت ئاستىغا ئالدى.

199514
خىتايدا 3 ساقچى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگىتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسى ئايالنى ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلىش جەريانىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن 3 ساقچى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

خەۋەردە، بىر ساقچىنىڭ 47 ياشلىق قۇرۇلۇش ئىشچىسى جۇ شۈيۈننىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن، قالغان ئىككى ساقچىنىڭ نوپۇزىنى سۇيىئىستىمال قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ئۈچۈن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

13- دېكابىر كۈنى بىر تۈركۈم ساقچى ۋە ئامانلىق ساقلاش خادىمى خىتاينىڭ شىمالىغا جايلاشقان شەنشى ئۆلكىسىدە ئىش ھەققىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلۇش سېلىنىۋاتقان يەرگەن كىرمەكچى بولغان 10 كىشىنى توسۇۋالغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەرگەن، ساقچىلار جۇ شۈيۈننىڭ يولدىشىنى ئۇرۇپ قوۋۇرغىلىرىنى سۈندۈرۈۋەتكەن. جۇ بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى دەتالاشنىڭ سىن كۆرۈنۈشى خىتاي مىقياسىدا كەڭ تارقالغان بولۇپ، بىر ساقچى ھوشسىز ھالەتتە يەردە يېتىۋاتقان جۇنىڭ چېچىغا دەسسەپ تۇرغان ھالىتى ئالاھىدە دىققەتنى تارتقانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر