پەلەستىن قارار لايىھەسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلىدۇ

پەلەستىن قارار لايىھەسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلىدۇ.

164940
پەلەستىن قارار لايىھەسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب دۆلەتلىرى، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن قارار لايىھەسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇشنى قارار قىلدى.
ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىيۇ يوركتىكى مەركىزىدە بىر يەرگە جەم بولدى.
يىغىندا، پەلەستىنگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن قارار لايىھەسى قوبۇل قىلىندى.
قارار لايىھەسىگە يەھۇدىي كۆچمەنلەر مەسىلىسى، سىياسىي تۇتقۇنلار، شەرقىي قۇددۇسنىڭ پەلەستىننىڭ پايتەختى بولۇشى قاتارلىق تېمىلار ئاستىدا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى.
قارار لايىھەسى ئىيوردانىيەنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنۇلىدۇ.
ئىيوردانىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دىنا كاۋار، بۇنىڭدىن كېيىن تاشلىنىدىغان قەدەمنىڭ، قارار لايىھەسىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ماقۇللىنىدىغان مۇۋاپىق ۋاقىتنى بەلگىلەش بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولسا قارار لايىھەسىنىڭ پەلەستىن – ئىسرائىلىيە تىنچلىقىغا نىسبەتەن ھېچقانداق پايدىسى يوقلۇقىنى؛ ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئېھتىياجلىرىنىمۇ قامدىيالمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر