ئامېرىكا ئى ش ئى د غا ياردەم قىلىنغانلىقىنى رەت قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باغدادتىكى ئەلچىخانىسى بايانات بېرىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئى ش ئى د غا ياردەم قىلىنغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

163742
ئامېرىكا ئى ش ئى د غا ياردەم قىلىنغانلىقىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتتا، مەتبۇئاتتا ئورۇن ئالغان ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىراقنىڭ سالاھۇددىن شەھىرىدە ئى ش ئى د مىلىتانلىرىغا ھاۋادىن ياردەم قىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلدى ۋە «نە بەلەد نە باشقا بىر يەرگە ھېچقانداق نەرسە تاشلانمىدى» دېيىلدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، مەزكۇر ياردەملەرگە دائىر خەۋەرلەرنى قىسمەن جەزملەشتۈرگەن ۋە «ئى ش ئى د نىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونغا خاتا ھالدا چۈشۈپ كەتكەن بىر قىسىم قورال ۋە تېببىي ئەشيالارنىڭ پارتلىتىش ئارقىلىق يوقىتىپ تاشلانغانلىقى» نى بىلدۈرگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر