پېرۇدا ياشلار چوڭ نامايىش قىلدى

پايتەخت لىمادا 5 مىڭدىن ئارتۇق كىشى خىزمەت يېشىنى تۆۋەنگە چۈشۈرگەن يېڭى قانۇنغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

159010
پېرۇدا ياشلار چوڭ نامايىش قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېرۇدا يېڭى خىزمت قانۇنى ياشلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى.
پايتەخت لىمادا 5 مىڭدىن ئارتۇق كىشى خىزمەت يېشىنى تۆۋەنگە چۈشۈرگەن يېڭى قانۇنغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان مىڭلىغان ياش كوچىلارغا چىقىپ، ھۆكۈمەتنىڭ 18 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياشلارنىڭ ئىجتىمائىي ھەق - ھوقۇقلىرىغا قارىتا چىقارغان قانۇنىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
ساقچىلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تەدبىرلىرى نەتىجىسىدە نامايىش قالايمىقان ۋەقە چىقماستىن ئاخىرلاشتى.
پېرۇ خىزمەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، بالا ئىشچىلارغا ئالاقىدار قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئېغىر ئىشلاردا ئىشلەش ياش ئۆلچىمىنى 16 ياشقا چۈشۈرگەن ئىدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر