گۇانتانامودىن 4 مەھبۇس قويۇپ بېرىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كۇبادىكى ھەربىي تۈرمىسى گۇانتانامودىكى مەھبۇسلاردىن 4 نەپىرىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

154270
گۇانتانامودىن 4 مەھبۇس قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كۇبادىكى ھەربىي تۈرمىسى گۇانتانامودىكى 4 ئافغان مەھبۇس دۆلەتلىرىگە يولغا سېلىندى.

پېنتاگون مەسئۇللىرى، «مەھبۇسلارنىڭ دېلولىرىنىڭ قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلگەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلىشىگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى» نى ئېلان قىلدى.

گۇانتانامو تۈرمىسىدىكى 130 دىن ئارتۇق مەھبۇسنىڭ 8 ى ئافغانىستان پۇقراسى بولۇشى مۇمكىن، دەپ مۆلچەرلەنمەكتە.

مەھبۇسلارنى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيانە ئۇسۇلدا قىيىن – قىستاققا ئېلىش بىلەن نامى چىققان تۈرمە سەۋەبىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى داۋاملىق تۈردە تەنقىدلىنىپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، «گۇانتانامو مىللىي بىخەتەرلىكىمىزگە زىيان يەتكۈزمەكتە. بۇ يەرنى تاقىۋېتىش بىز ئۈچۈن بىر زۆرۈرىيەت» دېگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر