پەشمەرگە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتكە تەييارلانماقتا

مالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق پەشمەرگە كۈچلىرى مۇسۇلغا ئەسكەر يۆتكەشنى باشلىدى.

152168
پەشمەرگە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتكە تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ رايوندىكى مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇسۇلنىڭ زۇممار ناھىيەسىدە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتلىنىش بولغان، مىڭلارچە پەشمەرگە كۆپ ساندا زەمبىرەك، تانكا ۋە پىلىمۇتلارغا ئوخشاش ئېغىر تىپلىق راكېتا بومبىسى دېگەندەك ئېغىر تىپلىق قوراللارنىڭ ھەمرالىقىدا زۇممارغا يوللانغان.

بۇ جەرياندا 10 مىڭغا يېقىن يەزىدى پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان سىنجار تېغىغىمۇ ئىراق ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى بىلەن پەشمەرگىلەرنىڭ يۆتكىلىشىگىمۇ كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئالدىنقى تەييارلىقى، دەپ قارالماقتا.

تۈنۈگۈن ئى ش ئى د بىلەن توقۇنۇشۇپ، مۇسۇلنىڭ زۇممار ۋە سىنۇن ناھىيەسىدە 9 يېزىنى قايتۇرۇۋالغان پەشمەرگە كۈچلىرىنىڭ سىنجار ناھىيەسىنىمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قايتۇرۇپ ئېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر