ئەشرەف غېنى ئافغانىستان خەلقىنى ‹بولدى بەس، دېيىشكە چاقىردى

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى مۇھەممەد ئەشرەف غېنى كابۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىمدا سۆز قىلغاندا، ئافغانىستاندىكى تالىبان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

148114
ئەشرەف غېنى ئافغانىستان خەلقىنى ‹بولدى بەس، دېيىشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەشرەف غېنى، تالىبان ھۇجۇملىرىدا كۆپ ساندا بىگۇناھ پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «پۈتۈن مىللىتىمىز ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، ‹بولدى بەس، بۇ ھۇجۇملارنى قوبۇل قىلمايمىز› دېيىشى لازىم» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

پىرېزىدېنت بولۇپ سايلانغىنىدىن بۇيان تالىبانغا قارشى ئەڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن غېنى، تالىباننىڭ بۇ ھۇجۇملار ئارقىلىق ئافغانىستاندىكى تىنچلىقنى بەرپا قىلىش ئىرادىسىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئافغانىستاندا تالىبان ھۇجۇملىرىنىڭ سانى يېقىنقى مەزگىللەردە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە كۆپىيىپ كەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر