ئەنقەرە ئىتالىيە باش مىنىستىرى رېنزىنى كۈتۈۋالدى

پايتەخت ئەنقەرەدە تۈنۈگۈن ئالدى بىلەن ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلغان ماتتېئو رېنزى، كېيىنچە باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.

146091
ئەنقەرە ئىتالىيە باش مىنىستىرى رېنزىنى كۈتۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ئىككى رەھبەر قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ، «تۈركىيە بىلەن ئىتالىيە، دوست ھەم ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپى ناھايىتى قويۇق بولۇۋاتقان ھالقىلىق بىر پەيتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلماقتا. ئالدىمىزدىكى يىللاردا بۇ ھەمكارلىقنىڭ ھەم ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەم ئاقدېڭىز ۋە ياۋروپاغا ھەمدە خەلقئارا تىنچلىققا ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشدىغانلىقىغا چىن دىلىمىزدىن ئىشىنىمىز» دېدى.
ھۆكۈمەتلەر ئارا ئورتاق ئىچكى كابىنېت يىغىنى تەرىقىسىدە بىر مېخانىزمنى ئىشقا كىرىشتۈرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن داۋۇتئوغلۇ، بۇ يىغىنلارنىڭ ھەر ئۈچىنى تۈركىيەدە ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ئۇچرىشىشلاردا رايونلۇق مەسىلىلەرنى بولۇپمۇ لىۋىيە مەسىلىسىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن داۋۇتئوغلۇ، «لىۋىيەدە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەم تۈركىيە ھەم ئىتالىيە ھەمدە ئاقدېڭىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم» دېدى.
ئىتالىيە باش مىنىستىرى رېنزى تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق باسقۇچى توغرۇلۇق توختالغاندا، «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە ئىشىكلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كەڭ ئېچىشى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى نامايەن قىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتمىز» دېدى.
20 – گ گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكى تۈپەيلى تۈركىيەنى تەبرىكلىگەن رېنزى، تۈركىيە نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە مەبلەغ سېلىش ۋە تەرەققىيات ساھەلىرىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
رېنزى، لىۋىيەدە دىيالوگنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن ھەم ھەر جەھەتتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ بارلىقىنى ھەمدە سۈرىيەدە تەرەپلەرنىڭ ئىجابىي دىيالوگ ئىچىدە بولۇشىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى لازىملىقىنى قەيت قىلدى. كېيىنچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان رېنزى، باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ بىلەن كەچلىك تاماق زىياپىتىدە تەكرار بىر يەرگە جەم بولدى.
ئىتالىيە باش مىنىستىرى رېنزى، ئەنقەرەدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، بۈگۈن ئىستانبۇلدا چاقىرىلىدىغان تۈركىيە – ئىتالىيە سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا ئۆتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر