تالىبان ئىككى ئايرىم جايدا ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى

تالىبان، ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان جەۋىزجان ۋە فەرياب ۋىلايەتلىرىدە ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى.

137208
تالىبان ئىككى ئايرىم جايدا ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە  ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان ئافغانىستاننىڭ ئىككى يېرىدە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى پەيدا قىلدى.

تالىبان مىلىتانلىرىنىڭ ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان جەۋىزجان ۋە فەرياب ۋىلايەتلىرىدە ئېىلپ بارغان ھۇجۇملىرىدا بەش ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

جەۋىزجان ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مىلىتانلارنىڭ دارزاب ناھىيەسىدىكى ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى. ھۇجۇمدا ساقچى پونكىتىدىكى تۆت ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

فەريابنىڭ دەۋلەت ئاباد ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان بومبىلىق ھۇجۇمدىمۇ بىر ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر