«كىم جوڭ ئۇن» ئىسىملىك كورېيەلىكلەرنىڭ بېشى دەرتتە...

شىمالىي كورېيەدە ھېچكىمنىڭ «كىم جوڭ ئۇن» دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

135845
«كىم جوڭ ئۇن» ئىسىملىك كورېيەلىكلەرنىڭ بېشى دەرتتە...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە رەھبىرى ئىسىم ۋە سان جەھەتتە «بىرلا» بولۇشنى قارارلاشتۇردى. بۇنىڭدىن كېيىن شىمالىي كورېيەدە ھېچكىمنىڭ «كىم جوڭ ئۇن» دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

شىمالىي كورېيە دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئۇ دۆلەتتە يېڭى توغۇلغان بالىلارغا «كىم جوڭ ئۇن» دەپ ئىسىم قويۇلمايدىكەن. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، نۆۋەتتە «كىم جوڭ ئۇن» دەپ ئىسمى بارلارنىڭمۇ رەسمىي ماتېرىياللاردىكى ئىسملىرىنى ئۆزگەرتىشى تەلەپ قىلىندى. بۇنداق ئىسىملىق كىشىلەرنىڭ «كىم» دېگەن ئىسىم بىلەن چاقىرىلسا بولىدىغانلىقىنى، لېكىن، تۇرالغۇ ياكى شوپۇرلۇق كېنىشكىسى دېگەندەك رەسمىي ھۆججەتلەردىكى ئىسىملىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇنىڭغا ئوخشاش سىياسەتلەر شىمالىي كورېيەنىڭ ئالدىنقى رەھبەرلىرى كىم جوڭ ئىل ۋە كىم ئىل سۇڭ مەزگىللىرىدىمۇ يولغا قويۇلغانىدى. «كىم» دېگەن ئىسىم ئاساسەن دېگۈدەك ھەممە ئادەمدە بار بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە «جوڭ ئۇن» فامىلىسىمۇ ناھايىتى كۆپ بولغان شىمالىي كورېيەدە ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە نوپۇس ئىدارىلىرىنىڭ بەلگىلىمىدىن ئارتۇق ئىشلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر