ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تېرىلغۇ ئېتىزلارمۇ ئوققا تۇتتى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تېرىلغۇ ئېتىزلارغىمۇ زىيان بەردى.

210386
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تېرىلغۇ ئېتىزلارمۇ ئوققا تۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى كىسۇفىم كونترول ئېغىزىغا ئورۇنلاشقان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى پەلەستىنلىكلەرگە تەۋە تېرىلغۇ ئېتىزلارنى ئوققا تۇتتى.
ئوققا تۇتۇلغان تېرىلغۇ ئېتىزلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، بىراق ۋەقەدە ئۆلگەن ياكى يارىلانغانلارنىڭ يوقلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قايسى سەۋەب بىلەن ئوق ئاچقانلىقى ھازىرچە نامەلۇم، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەلەستىن بىلەن ئسىرائىلىيە دائىرلىرى بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى.
غەززەنى مۇھاسىرە ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى، پات-پات چېگرا رايونلاردىكى پەلەستىنلىكلەرگە تەۋە تۇرالغۇ جايلارنى ئوققا تۇتىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر