ناتو، رۇسىيەنىڭ ‹ئۈمىدى› نى يەردە قويدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ، ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ئەزا بولالمايدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان رۇسىيەگە مەنپىي جاۋاب قايتۇردى.

210529
ناتو، رۇسىيەنىڭ ‹ئۈمىدى› نى يەردە قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ، ئايلىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ھېچقانداق ئۈچىنچى بىر دۆلەت ناتونىڭ كېڭىيىشىنى ۋېتو (رەت) قىلالمايدۇ» دېدى. ناتونىڭ ئىشىكنى ئوچۇق قويۇش سىياسىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ستولتېنبېرگ، «ھېچبىر شەكىلدە بۇنداق بىر كاپالەت بېرەلمەيدىغانلىقلىرى» نى تەكىتلىدى.

ھەرقانداق مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قايسى خەۋپسىزلىك كېلىشىمىنىڭ پارچىسى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ستولتېنبېرگ، خالىغان دۆلەتنىڭ ناتو ئەزالىقىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇنداق ئەھۋالدا نامزات ئەللەرنىڭ كېرەكلىك شەرت ۋە ئۆلچەملەرنى ھازىرلىغان ياكى ھازىرلىمىغانلىقىغا قاراپ، مەسىلىگە قاراپ چىقىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ستولتېنبېرگ، ئۇكرائىنانىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى جاكارلىغان ھېچقانداق بىر ھەربىي تەشكىلاتقا قېتىلماسلىق توغرىسىدىكى قارارىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ۋە مەۋجۇت ھۆكۈمەت ئوخشىمايدىغان بىرەر قارار چىقارغان تەقدىردە، ئۇنىڭغىمۇ ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جېنس ستولتېنبېرگ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2008 – يىلى بۈكرەشتە چاقىرىلغان يىغىنىدا ئۇكرائىنا ۋە گىرۇزىيەگە ۋەدە بەرگەنلىكىنى، ۋاقتى كەلگەندە ئەزالىققا ئېلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇ ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋ، «غەرب رۇسىيەگە ئۇكرائىنانىڭ قەتئىي يۇسۇندا ناتوغا كىرەلمەيدىغانلىقىنىڭ %100 كاپالىتىنى بېرىشى كېرەك» دېگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر