نامايىشچىلار ۋالىيلىق بىناسىغا يېقىن بىر كوچىنى ئىگىلىۋالدى

خوڭكوڭدا نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى ئارىسىدىكى سۈركىلىش داۋام قىلماقتا.

210265
نامايىشچىلار ۋالىيلىق بىناسىغا يېقىن بىر كوچىنى ئىگىلىۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار داۋاملىشىۋاتقان خوڭكوڭدا كۆپ سانلىقى ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان يۈزلەرچە كىشى ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشتى. يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا، نامايىشچىلار ۋالىيلىق مەھكىمىسى بىناسىغا يېقىن يەردىكى بىر كوچىنى ئىگىلىۋالدى. ھازىرغىچە خوڭكوڭ ۋالىيسىنىڭ تەلەپلىرىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قايتۇرمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئوقۇغۇچىلار، ھەقىقىي دېموكراتىيە تەلەپ قىلىمىز، دەپ شوئار توۋلاشتى.

ساقچىلار، دېموكراتىيە تەرەپدارى ھەرىكەتنىڭ سىمۋولى بولغان كۈنلۈكلەرنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا مەيدانلارغا كەلگەن نامايىشچىلارغا مۇچ گازى ۋە كالتەكلەرنى ئىشلىتىپ مۇداخىلە قىلدى. ۋەقەلەردە بىر قىسىم نامايىشچىلار يارىلاندى، 5 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

خوڭكوڭدىكى جىددىيچىلىك خىتاينىڭ 2017- يىلى خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان سايلامدا نامزاتلارنىڭ بېيجىڭنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى باياناتىدىن كېيىن كۈچىيىپ كەتكەنىدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار سوتنىڭ قارارىغا ئاساسەن، نامايىشلارنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان موڭكوك رايونىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ توسۇقلىرىنى ئېلىپ تاشلاشقا باشلىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر