يەنە نىگېرىيە، يەنە بوكو ھارام، يەنە قان...

نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بورنو ئۆلكىسىدە بوكو ھارام تەشكىلاتىغا مەنسۇپ تېرروچىلارنىڭ ھۇجۇمىدا ئونلارچە ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

210016
يەنە نىگېرىيە، يەنە بوكو ھارام، يەنە قان...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نەق مەيداندىكى ئەھۋاللارنى كۆرگۈچىلەر، 30 دىن ئارتۇق بوكو ھارام ئەزاسىنىڭ شەنبە كۈنى كېچىسى بورنو ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىدىكى شانى بازىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدا ئونلارچە ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى. تېررورچىلارنىڭ بازاردىكى ئۆيلەرگە ئوت قويۇپ بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلمەكتە.

ساقچىلار، شانىدا ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى ۋە مىلىتانلارنىڭ بىر ساقچى پونكىتى بىلەن دۆلەت بىناسىغا ئوت قويۇپ بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بوكو ھارام مىلىتانلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ شىمالىدا پەقەت نويابىر ئېيىدا قىلغان ھۇجۇملىرىدىلا 300 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان بورنو، يوبې ۋە ئاداماۋا ئۆلكىلىرىدە 5 يىلنىڭ مابەينىدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىپ كېلىۋاتقان بوكو ھارامنىڭ، يېقىنقى 6 ئايلىق ھۇجۇملىرىدا ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرى قوشۇلۇپ 2 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر