لىياۋنىڭدىكى بىر كاندا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ كۆپ ساندا ئادەم ئۆلدى

خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان لىياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى فۇشىن مەملىكەتلىك كان باشقۇرۇش ئىدارىسىغا قاراشلىق خېڭدا كېنىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

205845
لىياۋنىڭدىكى بىر كاندا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ كۆپ ساندا ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خېڭدا كېنىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 24 ئادەم ئۆلدى، 52 ئادەم يارىلاندى.

فۇشىن مەملىكەتلىك كان باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۆتكەن يىلى مەزكۇر كاندا گاز سىقىشىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 8 ئادەم ئۆلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر