تالىبان بىر ھەربىي ئاپتوبۇسقا ھۇجۇم قىلدى

ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا بىر ھەربىي ئاپتوبۇس بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

204992
تالىبان بىر ھەربىي ئاپتوبۇسقا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدا بىر ھەربىي ئاپتوبۇسقا قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىدا يەتتە ئادەم يارىلاندى. ھەربىي ئاپتوبۇس كابۇل ئەتراپىدىكى رەشھور يېزىسىدا كېتىۋاتقاندا يولغا كۆمۈپ قويۇلغان بومبا يىراقتىن تىزگىنەك ئارقىلىق پارتلىتىۋېتىلدى. تالىبان ۋەقەگە جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بەزى يارىدارلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئافغانىستاندا 23– نويابىر يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ۋالىبول مۇسابىقىسى جەريانىدىمۇ ئادەمبومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 57 ئادەم ئۆلگەن ۋە 60 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر